ئۇيغۇرچە بېتى   中文

ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش خىزمىتىگە دائىر ئومۇمىي بايان
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت:2017-12-25 14:43:00كېلىش مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

قەتئىي بوشاشماي تېغى يېشىل، ھاۋاسى ساپ يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقايلى

− ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش خىزمىتىگە دائىر ئومۇمىي بايان

    2012- يىلى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەر مۇشۇ «بەلگىلىمە» بولغاچقا ھەل قىلىندى، پارتىيە ئىچىدىكى جاھىل كېسەلنى داۋالايدىغان، ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلايدىغان بىر مەيدان جەڭ شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاۋۋال ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، «ئەستايىدىل بولۇش» روھى، «مەسئۇلىيەتچان بولۇش» ھەرىكىتى ئارقىلىق تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت خاھىش» نى ئۈزلۈكسىز تۈزىتىپ، غايەت زور دولقۇن يېرىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتى. بەش يىلدىن بۇيان، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە جۇڭگونى ئۆزگەرتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تارىخىي مۇساپىسىدە روشەن ئىز قالدۇردى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش» نى تۈزىتىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، دىققەتنى ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكىچە، باسقۇچلار بويىچە ئىزچىل چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى؛ كونكرېت مەسىلىلەردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، قەدەممۇ قەدەم كېڭەيتىپ داۋاملاشتۇردى؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرىدىن- تۆۋەنگىچە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىپ داۋاملاشتۇردى؛ مۇھىم نۇقتىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىمۇ نۇقتا كۆزلەپ، يىلمۇيىل چىڭ تۇردى؛ چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى ئىزچىل توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

  ئۆتكەنكى بەش يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر سالساق، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلەر بار:

  (1) يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولىدىغان، باشقىلارنى تۈزەشتىن ئاۋۋال ئۆزىنى تۈزەشتە چىڭ تۇرىدىغان، بىر دەرىجە بىر دەرىجىگە ئۈلگە بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىدىغان، ھەربىر ھالقىنى گىرەلەشتۈرۈپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندى

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاۋۋال ئۆزىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ ئۈلگە بولدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى چىقىرىپ، ئۆزى ئۈچۈن قائىدە بېكىتتى ھەم باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش خىزمىتىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئومۇمىيىتىگە قويۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىردەك بولۇپ، بايراق قىلىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىرىنچى مەسئۇل كىشى» مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، قويۇۋەتمەي چىڭ تۇتۇپ، بوشاشتۇرماي قاتتىق تۇتۇپ، بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىگە ئۈلگە بولۇپ، بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىنى يېتەكلەپ ئىشلەپ، دەرىجە بويىچە بېسىم يەتكۈزۈپ، قاتلاممۇ قاتلام ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان ياخشى خىزمەت ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى «بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇش» تەلىپىگە ئاساسەن، باشقىلارنى تۈزەشتىن ئاۋۋال ئۆزىنى تۈزەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۆزىگە باغلاپ، ئۆزىدىن باشلاپ، باشلامچىلىق بىلەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن تىرىشىپ ئىستىلنى ياخشىلىدى ۋە ئۆزگەرتتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى باشلامچى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدا ئەزالىق كارتىسىنى مەخسۇس قايتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى رەتكە سالدى، قېلىپلاشتۇردى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ ئىسمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئاتاپ، ئېلان قىلىپ ئاشكارىلىدى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىستىل تىكلەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش خىزمىتىنى مۇستەھكەم تەشكىلىي كاپالەتكە، ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى رەھبىرىي يولداشلار دائىم كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەرقايسى رايون، تارماقلار، مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى پارتكومى (پارتگۇرۇپپا) نىڭ شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى)بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2013- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ، ھەر ئايدا جەمئىيەتكە مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىپ، ئورۇنلارغا خىزمەتلەرنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇشنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ياخشى ئىشلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى. جايلار، تارماقلار، مەركەز باشقۇرىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاش، كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش، مەسئۇلىيىتىنى، پاكلىقىنى بايان قىلىش ۋە دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلدى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئۆتكۈر قورال قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، خىزمەتنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2015-، 2016-، 2017- يىللىرى 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە يۈز بەرگەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغان رەھبىرىي كادىر ئايرىم- ئايرىم 6010، 6770، 5460 نەچچە كىشى بولۇپ، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلگەنلەر سانى يىلمۇيىل ئۆرلەشتەك ۋەزىيەت كۆرۈلۈپ، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى. ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە، مۇپەتتىش، ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، فۇنكسىيەلىك نازارەت قىلىش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى كەسىپلەر ئۆتكىلىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتتى؛ كۆپ ساندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، باج، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ماسلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «تۆت خاھىش» نى تۈزىتىش خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈردى.

  (2) غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، تەربىيەلەش ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، قائىدە- يوسۇننىڭ ئادەتكە ئايلىنىشىنى قەدەممۇقەدەم ئىلگىرى سۈردى

  جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار تەربىيە قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى چىڭ تۇتۇشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەنىڭ دائىملىقى ۋە قاراتمىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسى ۋە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تور بېكىتى، گېزىت- ژۇرنال، تېلېۋىزور قاتارلىق تاراتقۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىستېرېئولۇق، كۆپ تەرەپلىك تەشۋىق- تەربىيەنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تىكلەپ، «تۆت ئىشەنچ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئاساسىي تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ئاڭلىقلىقىنى شەكىللەندۈردى. پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئىستىلىنى، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقىنى قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ناچار ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت يېڭى ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئايتوقاچ، تاڭزۇڭزا، پوجاڭزا- ساليوت، ئاتكرىتكا، كالېندار قاتارلىق «كىچىك ئىش، كىچىك ھالقا»لاردىن قول سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىكى ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان بەزى خاتا ھەرىكەتلەرنى تۈزىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تۆۋەن چەكنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، ئەيمىنىشنى بىلىشكە يېتەكلەپ، كىچىكى ئارقىلىق چوڭىنى كۆرۈش، تەدرىجىي توپلاش، قائىدە- يوسۇننى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى روھىنىڭ تەلىپىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى خىزمەت ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» مەخسۇس فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق تور بېكەتلىرىدە «جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە قائىدىسى» سەھىپىسىنى ئېچىش، گېزىتخانىلاردا «مەدەنىيەت ھەپتىلىك بېتى» تەسىس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيە بېرىپ تەسىرلەندۈردى. كۆپلىگەن جايلار يان تېلېفون تېرمىنالى، ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، تەشۋىق- تەربىيەنىڭ كەڭ دائىرىلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈن- تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا خاتالىقىنى تونۇتۇپ، قائىدىگە رىئايە قىلىدىغان، ئومۇم بىلەن شەخسنى ئېنىق ئايرىيدىغان، ئىقتىسادچىل بولۇپ، ھەشەمەتچىلىكنى چەكلەيدىغان «ياخشى سادا»نى ئۈزلۈكسىز ياڭرىتىپ، «ئاكتىپ كۈچ»نى سىجىل زورايتتى.

  (3) مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كونكرېت مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، بىر مەسىلە- بىر مەسىلىدىن ھەل قىلىپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتقا قاتتىق زەربە بەردى

  «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولغىنىغا ئۇزاق بولدى، ئىلگىرى «نەچچە ئون ھۆججەت بىر ئېغىزنى باشقۇرالماسلىق» ئەھۋالى كۆرۈلگەن ئىدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، كىچىكى ئارقىلىق چوڭىنى كۆرۈپ، كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ ئىشلارنى يېتەكلەپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسى گەۋدىلىك، بولۇپمۇ ئىسراپخورلۇق، راھەتپەرەسلىك مەسىلىسى ئاممىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئەھۋالغا قارىتا، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ دەرھال تۈزىتىپ، چاقماقتەك چاققان بولدى. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ- ئىچىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراغ ئىشلىرىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، پۇل، ماددىي بۇيۇملارنى قالايمىقان تارقىتىش، خۇسۇسىي ئارامگاھلارغا كىرىش قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، «يېمەك- ئىچمەكتىكى ئىسراپخورلۇق»، «خۇسۇسىي ئارامگاھلاردىكى ناتوغرا ئىستىل»، «ئاپتوموبىللاردىكى ھەشەمەتچىلىك»، «بايراملاردىكى چىرىكلىك»نى قاتتىق تەرتىپكە سېلىپ، تەربىيەلەش- كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدا يوشۇرۇنچە يەپ- ئىچىش، ئويۇن- تاماشا قىلىش، ئالىي دەرىجىلىك مەھەللىلەردە «بىر ئۈستەل تاماق» بۇيرۇتۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش نامىدا ھەقسىز ئاپتوموبىلدا ساياھەت قىلىش قاتارلىق يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى قاتتىق تىزگىنلىدى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى باشتىن- ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان، كادىرلار ئىستىلىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ قول سېلىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كىچىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاز- ئازدىن تۇتۇپ، «كوردىنات»مۇ «كوردىنات» بويىچە تىزگىنلەپ، بىر مەسىلە- بىر مەسىلىدىن ھەل قىلىپ، كىچىكى ئارقىلىق چوڭىنى كۆرسىتىپ، ئاساندىن قىيىنغا ئۆتۈپ، ئىستىلنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ئەمەلىيەتكە ئومۇميۈزلۈك بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى، نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ، تىپىك راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك ئىستىل مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەپ، يىغىن ئېچىش، ھۆججەت تارقىتىش ياكى شوئار ئارقىلىقلا مەركەزنىڭ مۇھىم قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قالايمىقان ئىش قىلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قاتارلىق شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىققا ياتىدىغان مەسىلىلەرنى تىرىشىپ بايقىدى ۋە تۈزىدى، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلار باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالاپ، ئىلگىرى تىزگىنلىگىلى بولمايدۇ، دەپ قارالغان ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتنى تىزگىنلىدى، ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان «ئەمەلدارلار سورۇنىدىكى ناچار ئادەت» ۋە ئىستىلدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى چىقىرىلغاندىن تارتىپ 2017- يىلى 10- ئايغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ- ئىچىش، سوۋغات بېرىش، ساياھەت قىلىش (دۆلەت ئىچىدە)تەك ئۈچ خىل گەۋدىلىك مەسىلىدىن جەمئىي 45 مىڭ 502 سى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، 2013-، 2014- يىلى يۈز بەرگەن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش جەمئىي 31 مىڭ 223 بولۇپ، %68.6 نى ئىگىلىگەن؛ 2015- يىلى يۈز بەرگەن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش 7794 بولۇپ، %17.1 نى ئىگىلىگەن؛ 2016- يىلى يۈز بەرگەن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش 4908 بولۇپ، %10.8 نى ئىگىلىگەن؛ 2017- يىلى يۈز بەرگەن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش 1577 بولۇپ، %3.5 نى ئىگىلىگەن؛ ئومۇمىي جەھەتتىن يىلمۇيىل زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەنگەن.

  (4) نەزەردىن ساقىت قىلماي، قىلچە يول قويماي، نازارەت تورىنى زىچ توقۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى باشتىن- ئاخىر كۈندىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش، تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى مەۋقە قىلىپ، مۇھىم نۇقتىلارغا كۆز تىكىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تەرتىپكە سېلىشقا سىجىل كۈچىدى؛ نازارەت قىلىش ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقە تورى، يېڭى تاراتقۇ ۋە يېڭى تېخنىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، نازارەت قىلىش يوللىرىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، ئاممىغا ئىشىنىدىغان، ئاممىغا تايىنىدىغان، ئامما نازارەت قىلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، «تۆت خاھىش»قا قارشى «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان» ئورۇنلاشتۇردى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بايرام، دەم ئېلىش مەزگىللىرى، مۇھىم يىغىن قاتارلىق ۋاقىت تۈگۈنلىرىدە مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش، ئۇقتۇرۇش تارقىتىش، يىغىن ئېچىش، نازارەت قىلىش، پاش قىلىش مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇردى، ئۇچۇر بەردى، تەلەپ قويدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز ئورۇنلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرغان 12 قېتىملىق كۆزىتىش ۋە ھەر دەرىجىلىك كۆزىتىش، تەكشۈرۈشلەردە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىنىپ، بايقالغان «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرى چىڭ تۇتۇلۇپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىش، دەرھال تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، بىر تۈركۈم ئۆزىنى تارتماسلىق، قولىنى يىغماسلىق مەسىلىلىرى كۈچەپ تەرتىپكە سېلىنىپ ۋە قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، «تۆت خاھىش»نى ئىزچىل تۈزىتىشتە «كاتالىزاتور»لۇق رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان ھەشەمەتچىلىك، راھەتپەرەسلىك قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «ئالاقە تورى- تېرمىنال- ئۈندىدار (ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش تورى، يان تېلېفون تېرمىنالى، ئۈندىدار سۇپىسى)»، «تۆت خاھىش»نى نازارەت قىلىپ پاش قىلىش سۇپىسى ئېچىپ، ئۇنى ئەنئەنىۋى خەت ئالاقە، ئەرز قىلىپ

  پاش قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «بەش ئۆلچەملىك» ئىستېرېئولۇق نازارەت قىلىپ پاش قىلىش تورىنى شەكىللەندۈردى؛ قوبۇل قىلغان «تۆت خاھىش» مەسىلىسىگە ئائىت يىپ ئۇچىنىڭ ھەربىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلدى.

  (5) ئىزچىل كۈچەپ بېسىمنى ئاشۇرۇپ، خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاپ، قەتئىي ھالدا ئىسمىنى ئاتاپ ئېلان قىلىپ ئاشكارىلاپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش - مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىدىكى «تۆت خىل ھالەت»نى نازارەت قىلىشنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا نامايان قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى ئىنتىزام تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمىدى؛ كۆزىتىش، ئەرزىيەت ۋە ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان «تۆت خاھىش» مەسىلىسىگە ئائىت يىپ ئۇچىنى مەخسۇس بىر تەرەپ قىلىپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتىدىكى «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ئېلان قىلىپ، چوڭقۇر قېزىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، قەتئىي چىڭ تۇتتى؛ تەشكىلنىڭ نازارەت قىلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان، ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغانلارنى مەنسىپىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىردەك قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. كۆزىتىشتە بايقالغان پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئۆزگىرىپ كەتكەن، يىغىن ئارقىلىق يىغىننى ئىزچىللاشتۇرغان، ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىگە كەسكىن قايتما ئىنكاس قايتۇرۇپ، رەتكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى؛ «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش خىزمىتىگە كۈچىمىگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، قەتئىي يول قويمىدى؛ ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى قانچە ئارقىغا سۆرىگەنلەرگە شۇنچە قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قورقۇشنى، توختاپ قېلىشنى بىلىش، ئۆزىنى تارتىش، قولىنى يىغىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى ۋە ئىلگىرى سۈردى؛ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان تىپىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئىسمىنى ئاتاپ ئېلان قىلىپ ئاشكارىلاپ، داۋاملىق چۆچۈتۈپ، قەتئىي يۈز- خاتىر قىلمىدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ 2017- يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىدىن جەمئىي 193 مىڭ 200 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 262 مىڭ 600 كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەنلەر 145 مىڭ 100 كىشى بولۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىش نىسبىتى %70.1 كە يەتتى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 33 تۈركۈمدىكى 178 تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىدى، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان مەركەز باشقۇرىدىغان كادىر 29 كىشى؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك زورايتىپ، مەملىكەت مىقياسىدا «تۆت خاھىش» باش كۆتۈرگەن ھامان ھەممە كىشى ئۇر- ئۇر قىلىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

  (6) ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل ئېنىق قائىدە تۇرغۇزۇپ، قاتتىق چەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي، كارغا كېلىدىغان تۈزۈم قەپىزىنى چىڭىتتى

  جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ھادىسىنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ماھىيەتتىن تۈزەشكىمۇ كۈچەپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم ئارقىلىق ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، تۈزۈمنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە ناچار كەيپىياتنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، «پارتىيە- ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى» قاتارلىق پارتىيەنىڭ مۇھىم ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇشنى ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. مەركەزدىكى ھەرقايسى تارماقلار مەركەزنىڭ مۇھىم تۈزۈملىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، يانداشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن ھۆكۈمەت خىزمىتى بويىچە كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت خىزمىتى ئۆيى، ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ مۇكەممەللەشتۈردى؛ جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش چارىسى، تەپسىلىي قائىدىسى ھەم يانداش تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ھەرىكەت چېكىنى بېكىتىپ بېرىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنى ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رايونلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى «تەكشۈرۈش»ىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۈزۈم، تەدبىرلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا تۈزۈم، تەدبىرلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سەرخىللاشتۇرۇپ، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە، تەكشۈرۈشكە بولىدىغان بولۇشنى، قىلغىلى بولمايدىغاننى يازماسلىقنى تەلەپ قىلدى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتا بايقىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى تۈزۈم قەپىزىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  (7) چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا پائال ئىزدىنىپ، قاتلاممۇقاتلام چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى

  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى كۈچلۈك سىياسىي ئىرادىسىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، باسقۇچمۇ باسقۇچ تەدرىجىي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئۇسۇلى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساندىن قىيىنغا، تېيىزدىن چوڭقۇرغا ئۆتۈپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، ئۈزۈلدۈرمەي ئۇزاققىچە تۆھپە يارىتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى. خىزمەت جەريانىدا تەلەپ قويۇش، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن باشلاپ، «تەربىيە بەرمەيلا جازالاش»تەك ئىشنى قىلماي، دەسلەپكى مەزگىلدىكى بىر تەرەپ قىلىشتا تەربىيە بېرىش، تۈزىتىشنى ئاساس قىلىپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، ئىنتىزامدىن ئىبارەت بۇ تارىنى تەدرىجىي چىڭىتىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈردى. كېيىن چەكلىنىدىغان ئادەتتىكى مەسىلىلەرگە تەرەققىي قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئالدىدا كۆرەڭلىگەن كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلىرىنى كۈچەپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى چىقىرىلغاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنىلا ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى يىغمىغانلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، ئىنتىزام ئىجراسى قانچە كەينىگە سۆرۈلگەنسېرى شۇنچە قاتتىق بولدى. ئاندىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ئادەتتىكى مەسىلىلەرنى تۇتۇشتىن تەدرىجىي «تۆت خاھىش»تىكى يېڭى شەكىل، يېڭى يۈزلىنىشلەرنى چىڭ تۇتۇشقا تەرەققىي قىلدى، يوشۇرۇن، شەكلى ئۆزگەرگەن «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تىزگىنلەپ، «تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ يۈزەكى تۈزەشتىن چوڭقۇر تۈزەشكە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى؛ ئاساسلىقى خەت - ئالاقە، زىيارەت قىلىپ پاش قىلىشقا تايىنىشتىن، تەدرىجىي ئالاقە تورى، ئۈندىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشقا چوڭقۇرلىشىپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە بايقالغان «تۆت خاھىش» مەسىلىسىگە ئائىت يىپ ئۇچى چوڭقۇر قېزىلىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈلۈپ، نازارەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋاسىتىسى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇلدى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلدى؛ دىققەت ھەشەمەتچىلىك، راھەتپەرەسلىككە مەركەزلىشىشتىن، تەدرىجىي شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق گەۋدىلىكرەك بولغان مەسىلىلەرنى تۈزەش ۋە بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىش تەرەپكە قاراپ چوڭقۇرلىشىپ، خىزمەت ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى چىڭ تۇتۇشتىن، تەدرىجىي كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا كېڭەيدى، مەركەزنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىن تەدرىجىي شەھەر، ناھىيە، يېزا- بازارلارغا كېڭىيىپ، خىزمەت دائىرىسىدە ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئەمەلگە ئاشتى. ئاخىرىدا ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە تەرەققىي قىلىپ، ھادىسىدىن تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  بەش يىلغا يېقىن بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ھەشەمەتچىلىك، راھەتپەرەسلىك ئىستىلى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەندى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك چەكلەندى، ناتوغرا ئىستىللارنىڭ ئادەتكە ئايلىنىشى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىلدى؛ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش «قىزىل سىزىق» ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ئىنتىزام ۋە قائىدە يەنىمۇ چىڭىتىلدى؛ تۈزۈم قەپىزى بارغانسېرى چىڭىتىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىستىلى يېڭىلىنىپ، ئىجتىمائىي كەيپىيات، خەلق ئىستىلى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا پائال ئۇيغۇنلىشىپ، تەنتەنىلىك ۋەدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پارتىيە رايى، ئەلرايى ئۇتۇلدى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى مۇستەھكەملەندى.

  مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش» نى تۈزىتىش خىزمىتىدە زور تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلىگەنلىكى، بايرىقىنىڭ روشەن بولغانلىقى، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولغانلىقى، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەنلىكى، رەھبەرلىك قىلىشتا قەتئىي كۈچلۈك بولغانلىقى، ئىرادىسى كەسكىن، پەزىلىتى قالتىس بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىپ، جان- دىل بىلەن قوللاپ، ئاكتىپ قاتناشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ قەتئىي ئەستايىدىل بولۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوقۇم باشتىن- ئاخىر چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگەنگەچ تەپەككۇر قىلىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىچكى جەھەتتە ئىدىيەگە سىڭدۈرۈپ، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز؛ «تۆت ئاڭ»نى چوقۇم مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز؛ دىققىتىمىزنى چوقۇم ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي خىزمەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئىچىگە قارىتىپ، باشلامچىلىق ۋە قاتتىق تەلەپ بىلەن ئىچكى ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز؛ چوقۇم مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كونكرېت ئىش ئارقىلىق ئومۇمىي ئىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىكى ئارقىلىق چوڭىنى تۈزىشىمىز؛ چوقۇم كۈچلۈك سىياسىي ئىرادىنى مۇستەھكەم ساقلاپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، دائىم، ئىنچىكە، ئۇزاققىچە تۇتۇشىمىز؛ چوقۇم ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن يەكۈنلەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدرىجىي يولغا قويۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى مۇقىم، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان، ئەينەن قوللىنىشقا بولىدىغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر بولۇپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەردە داۋاملىق چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىستىل قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، شۇنى سەگەكلىك بىلەن ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، «تۆت خاھىش» مەسىلىسى جاھىل، مۇرەككەپ بولۇپ، يەنىلا بەزى مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە، ئۇنى ئەستايىدىل ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىرىنچى، بەزى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ئورنى تۆۋەن، ئىدىيەۋى ئاساسى دېگەندەك مۇستەھكەم ئەمەس، بوشاڭلىق، سەل قاراش، تەلەي سىناپ قاراپ تۇرۇش قاتارلىق خاتا تونۇشلار يەنىلا مەۋجۇت. ئىككىنچى، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى چەكلىسىمۇ يەنىلا تۈگەتمەسلىك، خېمىغا يېنىپ كېتىش بېسىمى بىرقەدەر ئېغىر. 2017- يىلى 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 37 مىڭ 800 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، بۇلارنىڭ ئىچىدە، 2017- يىلى يۈز بەرگەن ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىش 9600 قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ، شۇ يىلدىكى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلە ئومۇمىي سانىنىڭ %25.5 نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ناتوغرا ئىستىللار ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى تارتماسلىق، قولىنى يىغماسلىق ئەھۋاللىرى يەنىلا مەۋجۇت، تەتۈرلۈك قىلىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى يەنە كۆپەيمەكتە، بەزى مەسىلىلەر يوشۇرۇن ھالەتتە ئۆزگەرگەن بولۇپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىنى تۈزەشتە ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل. ئۈچىنچى، تۈزۈم جەھەتتە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، قوللىنىشچانلىقى ۋە ئىجرا قىلىنىشچانلىقىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. تۆتىنچى، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى يەنىلا گەۋدىلىك، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرنى چوقۇم كۈچەپ تۈزەش كېرەك.

  مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پارتىيەمىزنىڭ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش- قالماسلىقى، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش- يۈرگۈزەلمەسلىكى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىش- قىلالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئىستىلنى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى ۋە يېڭى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1- يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى» يەنە قاراپ چىقىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن تەپسىلىي «قائىدە» ئورنىتىلدى، خەلققە يەنە بىر قېتىم تەنتەنلىك سىياسىي ۋەدە بېرىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىشنى ئۆزىدىن باشلايدىغان، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولىدىغان قەتئىي ئىرادىسى تولۇق چۈشەندۈرۈلۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى قەيسەر پوزىتسىيەسى تولۇق نامايان قىلىندى، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەگە قەتئىي بوشاشماي ئىستىلنى تۈزىتىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ كۈچلۈك ساداسى ياڭرىتىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا قايتا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلدى، ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى چېلىندى.

  ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، يولداش جاۋ لېجىنىڭ «ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە ئىنتىزام قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش» توغرىسىدىكى تەلىپى بويىچە كۈچلۈك سىياسىي ئىرادە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە بىلەن يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى روھىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىشنى پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتىكى بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشى، مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بوشىشىپ قالماي، توختاپ قالماي، قايتا ئاتلىنىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللاردا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇپ، ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشى؛ دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە، يوشۇرۇن ھالەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىشقا، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپخورلۇقنى چوڭقۇر تۈزىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈشى؛ كونكرېت مەسىلىلەرنى تۇتۇش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقنى تىرىشىپ تۈزەپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشى ۋە كېڭەيتىشى، «تۆت خاھىش»نى داۋاملىق تۈزىتىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ يارقىن نام كارتىسىنى ئۈزلۈكسىز نۇرلاندۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

 

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-دېكابىر تېلېگراممىسى)

 

2017.12.19 12:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

http://uyghur.xjdaily.com/47/48521.html