ئۇيغۇرچە بېتى   中文

ۋىلايەتلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەلىم-تەربىيە مەركىزى ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مانىۋېرى ئۆتكۈزدى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت:2017-12-23 17:16:38كېلىش مەنبەسى:

 

ۋىلايەتلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەلىم-تەربىيە مەركىزى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوت ئاپىتى بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا قەشقەر «جىڭئەن» ئوت ئۆچۈرۈش، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات مەركىزىدىن مەخسۇس خادىم تەكلىپ قىلىپ، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى  بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مانىۋېرى ئۆتكۈزدى.

 

1_看图王.web.jpg


ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يولداش ياسىنجان ياقۇپ پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمدا ماۋۇلارنى تەكىتلىدى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىدە كىچىك ئىش يوق» دېگەن قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىخەتەرلىك «مۇداپىئە تېمى»نى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

 

2_看图王.web.jpg


پائالىيەتتە ئالدىنقى مەزگىللىك ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك خىزمىتىدە ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان 15 ئىلغار شەخىس تەقدىرلەندى.

 

3_看图王.web.jpg


پائالىيەتتە، قەشقەر «جىڭئەن» ئوت ئۆچۈرۈش، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات مەركىزىدىن ياڭ لىيمىن ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك بىلىملىرى توغرىسىدا دەرس ئۆتۈپ، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك تەشۋىقات فىلىمىگە ۋە ئوت ئاپىتى مىساللىرىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبى، ئوت ئاپىتىدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە قېچىپ قۇتۇلۇش ئاساسىي بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، دائىم ئىشلىتىدىغان ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنلىرىنىڭ توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتتى. ئارقىدىن، ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش 1-ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گو جىنخۇا ھەر قايسى بۆلۈم، ئىشخانىلارنىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل خادىملىرىغا باشلامچىلىق قىلىپ مەركىزىي ئاپپارات ئۆيى، ئاشخانا قاتارلىق نۇقتىلىق  ئورۇنلاردا ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكى بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنىڭ سەپلىنىشى جايىدا بولماسلىق، قىسمەن جايلاردىكى ئوت ئۆچۈرۈش - مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسىنى ۋاقتىدا تەكشۈرمەسلىك، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى قاتارلىق ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك خەۋپلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈش، تۈزىتىش ئېلىپ باردى. ئاخىرىدا، بارلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوت ئۆچۈرۈش، تارقاقلاشتۇرۇش مانىۋېرىغا تەشكىللىنىپ، تۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابلىرىغا قارىتا تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئوت ئۆچۈرۈش ئەمەلىي جەڭ مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، تۈرلۈك ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى نەق مەيداندا سىناق تەرىقىسىدە ئۆگەندى.

 

 

4_看图王.web.jpg

5_看图王.web.jpg

بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئوت ئاپىتى بىخەتەرلىك ئېڭى يەنىمۇ ئۆسۈپ، تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيدى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ماۋۇلارنى بىلدۈرۈشتى: «بىخەتەرلىك ھەممىدىن مۇھىم» دېگەن قارشنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەرلىكنى تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز.

(خەۋەر قىلغۇچى: لى تاۋ، لى تيېچىڭ)

ۋىلايەتلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەلىم-تەربىيە مەركىزى