ئۇيغۇرچە بېتى   中文

«تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قەلبلەرنى ئىللىتتى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت:2017-12-26 18:36:08كېلىش مەنبەسى:

«تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى قەلبلەرنى ئىللىتتى

ـــ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى كادىرلىرى قانات يايدۇرغان «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدىن خاتىرە

قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياسىنجان ياقۇپ 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-تۈركۈمدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇدىغان كادىرلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، كونىشەھەر ناھىيە ئوغۇساق بازىرىنىڭ 7-كەنتىگە بېرىپ، تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، سەمىمىي  مىھر-مۇھەببىتى، ئەمەلىي ياردىمى ئارقىلىق دېھقانلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، قەلبلەرنى ئىللىتىپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ ھەر بىر كۈنىنى يېڭى مەنالارغا ئىگە قىلدى.

 شۇ كۈنى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ قورۇسى قاينام تاشقىنلىققا چۈمگەندى، دېھقانلارنىڭ چىھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىپ تۇراتتى، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇدىغان كادىرلار  ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىدىكى كادىرلار ئىئانە قىلغان 840 قۇردىن ئارتۇق كىيىم-كېچەكنى رەتلىك تىزدى، دېھقانلار ئۆز ئىھتىياجىغا ماس كېلىدىغان كېيىم-كىچەكلەرگە ئىرىشىپ تۇغقانلىرىدىن مىننەتدار بولدى.

1_看图王.web.jpg

«تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»نى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار 4-مەھەللىلىك دېھقان ئەمەتجان مەمەتئېلىنىڭ ئۆيىدە زىيارەتتە بولغاندا ئەمەتجان مەمەتئېلىنىڭ خوتۇنى تۇقىز كىرىمنىڭ يول مېڭىشىنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكى،بىراق ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدا دۇككان ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئويىنىڭ بارلىقى، ئەمما مەبلەغ كەمچىل بولغاچقا دۇككان ئاچالمىغانلىقىدىن خەۋەردار بولدى. تۇغقانلىشىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر  دەرھال مەسلىھەتلىشىپ، ئۆزلىرى پۇل چىقىرىپ مال تىزىش جازىسى، توڭلاتقۇ  قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، دۇكانغا سالىدىغان ماللارنى ئالاقىلىشىپ ھەل قىلىپ، تۇقىز كىرىمنىڭ دۇككان ئېچىشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياسىنجان ياقۇپ تىجارەتچىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ دۇكانغا مال سېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش 2-ئىشخانىسىدىن جاڭ لىيشىن بىر توڭلاتقۇ ئېلىپ بەردى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن جۇ شېڭ مال تىزىش جازىسى سېتىۋېلىپ قوراشتۇرغۇزۇپ بەردى. ئەمەتجان مەمەتئېلى بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن كادىرلاردىن ناھايىتى مىننەتدار بولدى، تۇقىز كىرىم تەسىرلەنگىنىدىن كۆزىگە ياش ئالدى، شۇنداقلا ئانچە راۋان بولمىغان دۆلەت تىلىدا «رەھمەت، رەھمەت.....!» دېدى. كادىرلار تۇغقانلىرىنىڭ ئىشىنى ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ بىلىپ، بارچە ئاماللار بىلەن دېھقانلارغا ياخشى، ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.


3_看图王.web.jpg

4_看图王.web.jpg

چىللە كىرىپ ھاۋا سوۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، 5-مەھەللىلىك دېھقان قۇربان سايىتنىڭ ئائىلىسى بۆلەكچە ئىللىقلىققا چۆمگەندى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كادىر تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭىنى تۈرۈپ، جىلىت ئېچىپ، تۈگۈر تۈگدى. كۆپچىلىك ئۆز ئارا ياردەملىشىپ تەييارلىغان تۈگۈرنى يىگەچ مۇڭدىشىپ سىرداشتى، مىھر-مۇھەببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. قۇربانجان سىيىتنىڭ كىلىنى خەيرىنساگۈل ئوبۇل خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: تۇغقانلىرىم بىلەن بىللە تۈگۈر تۈگۈپ يەپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بىز دائىم بېرىش-كېلىش قىلىپ خۇددى بىر قوساق تۇغقانلاردەك بولۇپ قالدۇق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىمۇ بىر-بىرىگە تۇتاشتى.

5_看图王.web.jpg

6_看图王.web.jpg

تۇغقانلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لى روڭشېڭ بىر كۈنلۈك زىيارەتنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەچلىك تاماقتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، 4-مەھەللىلىك تۇغقىنى ئەمەتجان مەمەتئېلى بىلەن بىللە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، گۇرۇپپا ئەزاسى ئادىلجان تەرجىمانلىق قىلدى، ئەمەتجان مەمەتئېلى ئۆزى كۆز قاراشلىرى ۋە پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى توغرىسىدا قەلبىدىكى گەپلەرنى قىلدى.

7_看图王.web.jpg

«تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، چۈشىنىشلىك، ئاممىباب تىل ۋە يىقىشلىق شەكىللەر ئارقىلىق دېھقانلارغا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يۈزتۇرانە تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈردى. تۇغقانلار تۇرمۇشتا ئۆز ئارا ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا سىڭىشتى. «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەر كادىرلرانىڭ قىلماقچى بولغان ئەمەلىي ئىشلىرى بىلەن كۈنسىرى يېڭلانغۇسى.

(خەۋەر قىلغۇچى: چېن يۇڭسەي، شېرىنئاي ئەركىن)

 

(ئۇچۇر مەنبەسى: ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى)