ئۇيغۇرچە بېتى   中文

ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ناھىيەلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىدىن ئىككىسى قۇرۇلدى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت:2017-12-29 18:38:14كېلىش مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى تورى

12- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقچى ناھىيەسى بىلەن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدە مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدە مۇھىم بىر قەدەمنى باسقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) ئۈچ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى قۇرۇپ ۋىۋىسكا ئېسىش خىزمىتى كەينى- كەينىدىن قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى «تېز تەرەققىيات يولى»غا كىرىدۇ.

1_看图王.web.jpg

2_看图王.web.jpg

ئاقچى ناھىيەلىك 16- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىدا ناھىيەلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلانغان ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ماھىنۇر مەخسۇت مۇنداق دېدى: مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلىنىپ، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش فۇنكسىيەلىك ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئېڭىمنى، ئاساسىي قانۇن ئېڭىمنى كۈچەيتىپ، قانۇن- نىزام بويىچە مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ، تىرىشىپ لاياقەتلىك جاۋاب قايتۇرىمەن.

9_看图王.web.jpg

ئىگىلىنىشىچە، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا كۆرسىتىلگەن نامزاتلارغا ئاساسەن، ئاقچى ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىككى كىشىنى مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، ئىككى كىشىنى مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىگەن، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا كوللېكتىپ قەسەم بەرگەن. ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىپ، ئىچكى قىسىمدا توققۇز ئاپپارات تەسىس قىلىشنى بېكىتكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدىن يەتتىسى بار ئىكەن. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ خادىملىرى ۋە خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىنتىزام بىلەن قانۇن، قانۇن بىلەن نىزام ئومۇميۈزلۈك جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى ئومۇميۈزلۈك مەمۇرىي تەپتىش قىلىنىدىكەن.

11_看图王.web.jpg

بۈگۈر ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن يۆتكەلگەن كادىر تۇرسۇن ئوسمان قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: يۆتكىلىش پەقەت ئىش ئورنى ۋە ئىدارىنىڭ ئۆزگىرىشى، خالاس. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ھېچقاچان ئۆزگەرگىنى يوق. يۆتكەلگەن كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتەك كەسپىي ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، يېڭى مۇھىتقا سىڭىشىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشىمەن.

12_看图王.web.jpg

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېقىندا مەركەزنىڭ دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىش ئورنىنى يۆتكەشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، «پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، بىر يۈرۈش خىزمەت ئاپپاراتى، ئىككى ئورگان نامى بولۇش، ئىچكى ئاپپاراتلارنى بىرلىكتە تەسىس قىلىش» تەلىپى بويىچە، ئاپپارات، ئىشتات، خادىمدىن ئىبارەت «ئۈچنى كۆپەيتمەسلىك» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، ئارخىپ باشقۇرۇش، قاراپ چىقىشنى نىسپىي ئايرىۋېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ياخشى «قۇرۇلۇش ئەترىتى» بولۇپ، مەركەز بېكىتكەن ۋاقىت جەدۋىلى، قۇرۇلۇش چېرتيوژىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئەستايىدىل قۇرۇلۇش قىلىپ، پۇختا ئىشلەش ئىستىلى ئارقىلىق ئىشتاتنى ئايرىپ بېرىش، خادىم يۆتكەش، ئاپپارات تەسىس قىلىش ۋە مەسئۇلىيەت بېكىتىش قاتارلىق ئۇل خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىستىل بىلەن ياخشى ئىشلىگەن.

ھازىر ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) ئىككى دەرىجە بويىچە يۆتكەلگەن خادىملار كەينى- كەينىدىن خىزمەت ئورۇنلىرىغا كېلىپ، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى قۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئون ناھىيە خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىپ، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى تەسىس قىلىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەم 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە بارلىق ناھىيە (شەھەر، رايون) لەردە مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتلىرى 2018- يىلى 1- ئايدا ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلىدۇ.

(«شىنجاڭ گېزىتى »مۇخبىرى جاۋ جىيۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن شۈ خەۋىرى)

 

2017.12.29 12:00 

 http://uyghur.xjdaily.com/47/49023.html