ئۇيغۇرچە بېتى   中文

يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاممىنى يىغىلىدىغان «ھەق»بىلەن بېرىلىدىغان «تولۇقلىما» توغرىسىدا ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت:2017-11-29 16:23:34كېلىش مەنبەسى: ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش -مەمۇرىي تەپتىش ئۇچۇرى

يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان قىلمىشلارنى چوقۇم قەتئىي تۈزىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلدى. يېقىندا، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئىگىلەنگەن ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار سىياسەتلىرى ۋە دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولماسلىق ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئاممىغا «يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ھەق يىغىشنى دەلىللەش تالونى» ۋە «يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمسى تارقىتىشنى دەلىللەش تالونى »نى تارقىتىپ، پۈتۈن ناھىيەدە ئومۇملاشتۇردى.

يېڭىشەھەر ناھىيە باغچا يېزىسى 6-كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى گاۋ سوڭ مۇنداق دېدى: ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشچىلىقىدا ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسى «يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ھەق يىغىشنى دەلىللەش تالونى» ۋە «يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمسى تارقىتىشنى دەلىللەش تالونى »نى يولغا قويۇپ ۋە ئىشلىتىپ، كەنت ئىشلىرى، مالىيە ئىشلىرىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاممىغا ئۆزىدىن يىغىلىدىغان ھەق ۋە ئۆزى بەھرىلىنىۋاتقان نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈردى، ھازىر ئاممىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش ئاكتىپچانلىقى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

«يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق ھەق يىغىشنى دەلىللەش تالونى»نىڭ ھەربىرى تۆت نۇسقا بولۇپ، بىر نۇسقىسى كۆتەك نۇسقا سۈپىتىدە ساقلىنىدۇ، بىر نۇسقىسىنى ھەق يىغقۇچى ساقلايدۇ، بىر نۇسقىسىنى ھەق يىغقۇچى تەرەپنىڭ مالىيە ئىشلىرى ئىشخانىسى ساقلايدۇ، يەنە بىر نۇسقىسىنى ھەق تاپشۇرغۇچى ساقلايدۇ، يېزائىگىلىكىگە ئالاقىدار بىر يۈەن ھەق يىغىلسىمۇ ھەق يىغىشنى دەلىللەش تالونى چوقۇم توشقۇزۇلىدۇ؛ «يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمسى تارقىتىشنى دەلىللەش تالونى »نىڭ ھەربىرى تۆت نۇسقا بولۇپ، بىر نۇسقىسى كۆتەك نۇسقا سۈپىتىدە ساقلىنىدۇ، بىر نۇسقىسىنى كەنت (ئىجتىمائىي رايون) ساقلايدۇ، بىر نۇسقىسىنى يېزا (بازار)لارنىڭ مالىيە ئىشلىرى ئىشخانىسى ساقلايدۇ، يەنە بىر نۇسقىسىنى تولۇقلىما پۇلىنى ئالغۇچى ساقلايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئامما ئۆزىدىن يىغىلغان «ھەق»نىڭ قەيەرگە باردىغانلىقى ۋە بەھرىلىنىۋاتقان «تولۇقلىما»نىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

(خەۋەر قىلغۇچى: لى تاۋ، بيەن لياڭبىن)