ئۇيغۇرچە بېتى   中文

ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ 3- نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش- ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت:2017-11-29 00:00:00كېلىش مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

1511844622129150.jpg

ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ 3- نۆۋەتلىك كۆزىتىشكە سەپەرۋەر قىلىش- ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شۆجۈن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى يەتكۈزۈپ، «ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتكومنىڭ 3- نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىش تەقسىماتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لو دۇڭچۈەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىنى بايقاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەيۋە شەكىللەندۈرۈشتىن قەتئىي تەۋرەنمەي، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆزىتىش- تەكشۈرۈش بويىچە يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان نازارەت قىلىش تورى بەرپا قىلىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

1511844635680548.jpg

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش نىشان ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، مەركەزنىڭ سىياسىي كۆزىتىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەيسەر ئىرادە، پەزىلىتى، ئېسىل خىزمەت ئىستىلى، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ كۆزىتىش ئىشلىرىنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئىناق- ئىتتىپاق، ئاۋات- باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

3-قېتىملىق كۆزىتىشتە جىمىسار ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، كۆكتوقاي ناھىيەسى، ئاقتو ناھىيەسى، باي ناھىيەسى، نىلقا ناھىيەسى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)، بۇلاقتاغ رايونىدىن ئىبارەت توققۇز ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتكوم ئىككى ئاي ئەتراپىدا ئادەتتىكى كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، قاتناش- تىرانسىپورت نازارىتى، چارۋىچىلىق نازارىتى، ئورمانچىلىق نازارىتى، مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى(دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)، مىللەتلەر تىل- يېزىق كومىتېتى(مىللەتلەر تىل- تەرجىمە ئىدارىسى)، ئاخبارات- نەشرىيات- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، رەڭلىك مېتال (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىبارەت توققۇز تارماق، ئورۇننىڭ پارتگۇرۇپپا(پارتكوم)لىرى مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسى «ھەرىكەتچان» كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ؛ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى كۆزىتىلىپ «قايتا قاراپ چىقىلىدۇ». كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ تىزىملىكى ۋە كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ.